ئامېرىكا ئەلچىخانسىىغا ئوق چىقارغان گۇماندارلاردىن ئۈچى قاماققا ئېلىندى

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانا بىناسىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 6 ئادەمنىڭ ئۈچى قاماققا ئېلىندى.

1041571
ئامېرىكا ئەلچىخانسىىغا ئوق چىقارغان گۇماندارلاردىن ئۈچى قاماققا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نازارەت ئاستىدىكى 6 گۇماندارنىڭ ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش شۆبىسىدىكى ئىشلىرى ئاخىرلاشتى. بۈگۈن سەھەردە سوت مەھكىمىسىگە يوللانغان 6 گۇماندار، تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇمھۇرىيەت تەپتىش خادىمى مۇرات ئۆزجاننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۆزجان، ئەلچىخانا بىناسىغا ئوق چىقارغان ئاھمەت چەلىكتەن ۋە ئوسمان گۈنداش بىلەن ئەرسىن بايرامنىڭ قاماققا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ھالدا نۆۋەتچى سۇلھى جازا سوت كوللىگىيەسىگە يوللىدى، قالغان ئۈچ گۇماندارنىڭ نازارەت قىلىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

نۆۋەتچى مەھكىمە؛ چەلىكتەن، گۈنداش ۋە بايرامنىڭ قاماققا ئېلىنىشىغا، باشقا گۇماندارلارنىڭ قانۇننىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىشىگە ھۆكۈم قىلدى.

تۇتقۇن قىلىنغان گۇماندارلار سىنجان تۈرمىسىگە قامالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر