خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئەنگلىيەلىك كەسپدېشى بىلەن كۆرۈشىدۇ

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئەنگلىيەلىك كەسپدېشى بىلەن كۆرۈشۈشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە قارارلاشتۇرۇلدى.

1038377
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئەنگلىيەلىك كەسپدېشى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، كۈندىلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلىرى، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكەن.

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بىلەن ئەنگلىيە خەزىنە ۋە مالىيە ۋەزىرى بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى قارارلاشتۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر