تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كېڭەش قىلىندى

ۋاشىنگىتوندا تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كېڭەش قىلىندى.

1036296
تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كېڭەش قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سۈركىلىش ۋاشىنگىتوندا مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ۋە ئامېرىكا-تۈرك سودا-سانائەتچىلەر كېڭىشى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئېمبارگولىرىنى تەنقىد قىلدى. دۇنيا سىياسىتى ئىنىستىتۇتى بىلەن باھچەشەھىر ئۇنىۋېرسىتېىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي لېكسىيەدە دىپلوماتىيەنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

سودا ئۇيۇشمىسى دونالد ترامپ يولغا قويغان ئېمبارگولارنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقىسادىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىسى سەردار كىلىچمۇ قاتناشقان ئىلمىي لېكسىيەدە سۆزلىگۈچىلەر ئارىسىدا ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىنۇش چوكسىي بىلەن ئامېرىكا-تۈرك سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقى ھوۋارد بېسېيمۇ بار ئىدى.  

ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ئېمبارگولارغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چوكسىي خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلاردىن يىراقلاشتۇرىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا-تۈرك سودا-سانائەتچىلەر كېڭىشى باشلىقى ھوۋارد بېسيېمۇ دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادتىن سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جازالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېسېي ئېمبارگو كىرىزىسى تۈپەيلى يۈز مىليونلارچە دوللارنىڭ ئامېرىكىغا قايتا كېلەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەي دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر