جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىجارەت مەركىزىدە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10 – نۆۋەتلىك بىرازىلىيە – رۇسىيە، ھىندىستان – خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا (BRICS) باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىجارەت مەركىزى جوھانېسبۇرگقا يېتىپ باردى.

1019701
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىجارەت مەركىزىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جوھانىسبۇرگ ئو. ر تامبو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى روب داۋىئېس، تۈركىيەنىڭ پىرېتورىيە باش ئەلچىسى ئەلىف چومئوغلۇ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك زاتلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

BRICS  باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزا دۆلەتلەر ۋە يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈرك  جەمئىيەتلىرى، دۆلەتتىكى داڭلىق سودا - سانائەتچىلەر ۋە مۇسۇلمان  جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر