تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە ئەبۇ نۇۋۋار بەدەۋى قەبىلىلىرىگە ئائىت ئۆيلەرنى چېقىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1006816
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە ئەبۇ نۇۋۋار بەدۋى قەبىلىلىرىگە ئائىت ئۆيلەرنى چېقىشىنى ۋە خان ئەلئەھمەر بەدەۋىلەر رايونىدىكى ئۆي – ماكانلارنى چېقىشقا باشلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن پەرۋاسىزلارچە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەر بىرلەشكەن ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى پىلانىنى خەۋپكە دۇچار قىلماقتا، ئىسرائىلىيە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان ۋە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئىستىراتېگىيەسىنى ۋەيران قىلىدىغان قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.»

شەرقىي قۇددۇستىكى ئايرىمچىلىق تېمىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى تەرىپىدە قالغان قىسمىغا جايلاشقان خان ئەلئەھمەر ۋە ئەبۇ نۇۋۋار بەدەۋى قەبىلىلىرىگە بارىدىغان يوللارنى تاقىۋالغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەبۇ نۇۋۋار رايونىدىكى 40 ئۆي ۋە قوتانلارنى ۋەيران قىلغانىدى.

بۇنىڭغا قارشى چىققان پەلەسىتنلىكلەرگە مۇداخىلە قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇرغان، بەزىلىرىنى قولغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر