تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىدىنىڭ جالالئاباد شەھىرىدە 15 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1004087
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ  ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىدىنىڭ جالالئاباد شەھىرىدە 15 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ھەم ھۇجۇمنى  قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا جانابىي ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر