گېنېرال خۇلۇسى ئاقار سۈرىيەدىكى تۈركىيە قىىسملىرىنى زىيارەت قىلدى

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ مەنبىچتىن چىقىپ كېتىشى ۋە قوراللارنى قايتۇرۇپ ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1002933
گېنېرال خۇلۇسى ئاقار سۈرىيەدىكى تۈركىيە قىىسملىرىنى زىيارەت قىلدى
orgeneral akar-komutanlar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمراھلىقىدىكى قورۇغلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ياشار گۈلەر، ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۇن، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى مۇئاۋىن گېنېرال ئادنان ئۆزبال ۋە 2ئارمىيە قوماندانى مۇئاۋىن گېنېرال مەتىن تەمەل بىلەن سۈرىيەدىكى قىسىملارنى ۋە بازىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

رايوندىكى قىسىم قوماندانلىرى بىلەن بىر يەگە جەم بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.

گېنېرال خۇلۇسى ئاقار مۇھىم بۇيرۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئىشەنچىسىدىن ھاسىل قىلغان كۈچ - قۇدرىتى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

گېنېرال خۇلۇسى ئاقار يېقىنقى ئايلاردىن بۇيانقى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىي قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ۋە خەلقنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە، بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەستەقىللىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە يىغىلىش مەركەزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە يۈزلەرچە نىشاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە نۇرغۇن تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر تېررورچىمۇ ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېنېرال خۇلۇسى ئاقار يەنە، مەنبىچ مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان يول خەرىتىسى ۋە بىخەتەرلىك پىرىنسىپلىرى ھەققىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن كېرەكلىك ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى، ماسلىشىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ماشلاشقان ھالدا چارلاش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھەمدە ي پ گ نىڭ مەنبىچنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ۋە قوراللارنى قايتۇرۇپ ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدلىبتە رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ماسلاشقان ھالدا قۇرۇپ چىقىلغان 12 كۆزىتىش پونكىتى ئارقىلىق رايوندا خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتى يارىتىلىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، چېگرا ھالقىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر