تۈركىيە لىۋىيە توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە لىۋىيەنىڭ نېفىت ھىلالى رايونىغا جايلاشقان نېفىت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سالاھىيەتسىز كۈچلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەشەببۇسلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1002516
تۈركىيە لىۋىيە توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ نېفىت ھىلالى رايونىغا جايلاشقان نېفىت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سالاھىيەتسىز كۈچلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەشەببۇسلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، پۈتكۈل لىۋىيە خەلقىگە ئائىت بولغان تەبىئىي بايلىقلارنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا دۆلەتتە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تىنچلىق، مۇرەسسەچىلىك ۋە مۇقىملىق تىرىشچانلىقلىرىنى زىيانغا ئۇچرىشىش خەۋپىنى ئۆز تۇغدۇرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «شۇ ۋەجىدىن، لىۋىيەنىڭ بارلىق تەبىئىي بارلىقلىرى ۋە مۇئەسسەسەلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى دەرھال قانۇنلۇق ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر