تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.
993422
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئائىت نىشانلار، پاناھ جايلار، قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقتىن ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچىلارغا ھەربر بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، كۆپ ساندا ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.