تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ
دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ.
993017
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 8 – ئىيۇندىن 14 – ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك غا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 3 ى ئاتالمىش رەھبەر بولۇپ، جەمئىي 93 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان، 15 پارتلاتقۇچ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال - ياراغ ئىسكىلاتى، پاناھ جاي قاتارلىق 21 مۇھىم نۇقتا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 4 مىڭ 507 گە يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.