تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىرناقنىڭ بەستلەر – دەرەلەر رايونى بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدىكى ئىككى ئايرىم ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

990162
تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، شىرناقنىڭ بەستلەر – دەرەلەر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 7 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن 8 – ئىيۇندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي تېررورچى سانىنىڭ 21 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا 10- ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، تېررورچىلار تەرىپىدىن پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىستىھكام قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان نۇقتىلار يوقىتىلدى، 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 69 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 4 – ئىيۇندىن 11 – ئىيۇنغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە 1683 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا چېتىشلىق 234، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا چېتىشلىق 492، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 37 ۋە ئاشقۇن سولچىلار بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 8 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر