تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە زور ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلدى.

988110
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىغا قارشى بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى باشلىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 155 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، 400 كۋادرات كىلومېتىر ساھە تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇلغان 23 كىلومېتىرلىق چېگرا بويىغا 11 بازا قۇرۇپ، بۇ بازىلار ئارقىلىق ھەم بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى 7 كۈن 24 سائەت كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەم تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك «فىرونت ئارقىسى ئارقا سەپ بازىلىرى» دەپ ئاتىۋالغان ھاكۇرك ۋە ئارمۇش لاگېرلىرى بىلەن ئاۋاشىن – باسيان، كانى راش، بەرمىزە، سىدەكان قاتارلىق يەر تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان برادوست رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ مەزكۇر جايلاردىن قاندىلغا چېكىنگەنلىكى ۋە ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭمۇ رايوندىن چىقىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر