بىر ھەپتە ئىچىدە 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

985143
بىر ھەپتە ئىچىدە 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتغا ئاساسلانغاندا، 28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا مەملىكەت ئىچىدە 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە 3 ۋىلايەتتە تېررورچىلارغا تەۋە 12 قونالغۇ، ئىسكىلات ۋە غار ۋەيران قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە يەنە  نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلگەندىن سىرت، 1 توننا ئېغىرلىقتىكى قول قومبىسى بىتچىت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر