تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېتوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەسىتنلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان قانۇن تەكلىپىنى ۋېتو قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

984162
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېتوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «غەززەدە 14 – ماي كۈنى يۈز بەرگەن قەتلىئامدىن كېيىن كۇۋەيتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان قانۇن تەكلىپىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ۋېتو قىلىنىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەسىتنلىكلەرگە يۈترگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىق ئۈچۈن ھېساب ئېلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرامىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زادى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارالىق تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشتا ئەڭ ھوقۇقلۇق ۋە مەسئۇل ئورگان بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن مەسۇم پۇقرالار نىشان قىلىنغان قەتلىئامنى ئەيىبلەش مەزمۇن قىلىنغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىشغال ئاستىدا ياشاۋاتقان پەلەسىتنلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى قوغداش ۋە پاراۋانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش مىخانىزىمى ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ۋېتو قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتى يوقتۇر.»

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە پەلەستىن داۋاسىنىڭ داۋاملىق كۆزەتكۈچىسى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر