ئەردوغان ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

971371
ئەردوغان ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكىشى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلگەن غەززە چېگراسىدىكى نامايىشلار ئەسناسىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 59 پەلەستىنلىك نامايىشچىنى شېىھت قىلىشى، 2500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ئامېرىكىنىڭ رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئەلچىخانىنى قۇدۇسقا يۆتكەش» قارارىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.

پەلەستىندىكى پاجىئەلىك ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا نېمە ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىككى رەھبەرنىڭ، دۇنيانىڭ بۇ زۇلۇمنى تاماشا قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر