ئەردوغان، خىمىيەلىك قوراللارغىلا مەركەزلىشىپ، باشقىلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۇنيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنى يېڭى بىر تىنچلىقنىڭ ئۇلىنى قويۇشقا چاقىردى.

952556
ئەردوغان، خىمىيەلىك قوراللارغىلا مەركەزلىشىپ، باشقىلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا تەشەببۇسكارلار قۇرۇلتىيىدا سۈرىيەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختىلىپ، قالايمىقان بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە چاقىرىق قىلغان ھالدا، «بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز، كېلىڭلار بۇ دۇنيادا يېڭى بىر تىنچلىقنىڭ ئۇلىنى قويايلى (دېگەندىن ئىبارەت)» دېدى.

پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، دۇنيا رەھبەرلىرىنى دۇرۇس ۋە سەمىمىي بولۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا شەنبە كۈنى سەھەردە، سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «دەۋاتقان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن بومباردىمان قىلدۇق. <ئىلغار قوراللار بىلەن ئۆلگەنلەرنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قوي، پەقەت خىمىيەلىك قورال بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگىلا قارا> ، دەيدىغان بۇنداقمۇ ئادالەت بولامدۇ؟» دېدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە مۇساپىرلارغا 31 مىليارد دوللار پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە 6 مىليارد ياۋرو پۇل بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھېچكىمنى زالىملارنىڭ ئىنسابىغا ياكى دېڭىزلاردا غەرق بولۇشقا تاشلاپ قويمايمىز، ھەممىگە ئىشىكىمىز ئوچۇق. بۇ ئىنسانىي پوزىتسىيەمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدۇق. دۆلىتىمىزگە مۇساپىرلارنىڭ كېلىشىگە سەۋەب بولغان، دۆلىتىمىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر