ئابدۇلھەمىت گۈل ئەزەربەيجاندا تۈرك شېھىتگاھلىقىنىمۇ زىيارەت قىلدى

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈل رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى.

943325
ئابدۇلھەمىت گۈل ئەزەربەيجاندا تۈرك شېھىتگاھلىقىنىمۇ زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېۋ ئابدۇلھەمىت گۈل بىلەن كۆرۈشتى. 

ئەزەرەيجان پىرېزىدېنتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەزەربەيجان تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەردە غەلىبىلىك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئۇچرىشىشتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئابدۇلھەمىت گۈل يەنە، ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئەزەربەيجاننىڭ مەرھۇم پىرېزىدېنتى ھەيدەر ئاليېۋنىڭ فەخرى خىياباندىكى مەقبىرىسىنى زىيارەت قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويدى.

باكۇ شېھىتلەر ئابىدەگاھىنىمۇ زىيارەت قىلغان ئابدۇلھەمىت گۈل، مەڭگۈلۈك مەشئەل خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ھەمدە باكۇدىكى تۈرك شېھىتگاھلىقىنىمۇ زىيارەت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر