ئەردوغان «يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» توغرۇلۇق خۇش خەۋەر بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەرسىندە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان « يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشىنىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر بەردى.

943227
ئەردوغان «يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» توغرۇلۇق خۇش خەۋەر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۈگۈن ھۆرمەتلىك دوستۇم پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىغان 20 مىليارد دوللارلىق (<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى) قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»

تۈركىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تۈنۈگۈن «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» نىڭ تۇنجى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەدە بايلىق مەنبەلىرىنى سەرخللاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ھەسسە قوشىدىغان «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشى پۈتكەندە، تۈركىيەنىڭ توك ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن % 10 تى قامدىلىدىكەن.

«<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشى جەريانىدا تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى، پۈتكەندىن كېيىنكى 60 يىل جەريانىدا بولسا 3 مىڭ 500 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 31 دۆلەتتە 450 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 55 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا ئىكەن. «<ئاققۇيۇ> يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ سانى 56 گە يېتىدىكەن.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىمۇ تۈركىيەدىكى يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق نوبېل مۇكاپاتلىق ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇكاپاتلىق ئالىم پىروفېسسور دوكتور م. بىلگە دەمىركۆز قاتارلىقلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تونۇشتۇرۇش فىلىمى ئىشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر