گىرۇزىيە تۈركىيە بىلەن ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدۇ

گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى لېۋان ئىزورىيا تۈركىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ قوراللىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

942952
گىرۇزىيە تۈركىيە بىلەن ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى لېۋان ئىزورىيا 30-مارت ئەنقەرەدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن گىرەسۇنغا بېرىپ، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جانىكلى ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەنوۋ بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىزورىيا، تىبلىسنىڭ ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىقنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىق ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىدۇق. بۇ ساھەدە تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇساپە بار، بۇ خەلقئارالىق سەۋىيەدىمۇ تونىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزمۇ ئارمىيەمىزنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشتا سىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭلارغا قىزىقىمىز، تەتقىقات خىزمەت گۇرۇپپىسى دائىرەسىدە بۇ ھەمكارلىقنىڭ كېلەچەكتىمۇ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىزورىيا، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، يېقىنقى يىللاردا بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن دىنامىكلىرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلىۋاتىمەن، رايوندىكى ھەمكارلىقىمىز ئۆرنەك بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، بىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھمىز. بۇ سەۋەبتىن، رايوندا ئېنېرگىيە بولسۇن ياكى سودا بولسۇن ۋەياكى باشقا شەيئىيلەر بولسۇن، ھەر تۈرلۈك لايىھەنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنىڭ سۈپىتىگە باغلىق. بۇ ھەمكارلىق بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئېشىشىنى كۈنتەرتىپكە قويماقتا.»

گىرۇزىيە ئارمىيەسىدە «نۇرول ئەجدەر»، «كوبرا» ۋە «ئوتوكار» ناملىق تۈركىيە قوراللىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر