تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تېررورلۇققا نىسبەتەن مەيدانىنى ئېنىق قىلىشى ۋە تېررورىستلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

930208
تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم نىزامى گەنجەۋى خەلقئارالىق مەركىزى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق دۇنيا باكۇ مۇنبىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئەزەربەيجان «APA» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ تۈرك مىللىتىنىڭ ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىنى ئايرىم كۆرمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تونىغان ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان تۇنجى دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ئۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە باشقا كۈن چۈشكەندىمۇ بىللە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى ئۈستىدە توختىلىپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەزەربەيجاننىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بىراق ھەل قىلىشتا ئەمەلىي قەدەم بېسىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تۈركىيە ھەر دائىم ئەزەربەيجاننى قوللايدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش پەقەت ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش مەنىسىگە ئىگە ئەمەس، بەلكى بارلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ رېكس تىللېرسوننىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئامېرىكاغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ قىزىل سىزىقلىرى ناھايىتى ئېنىق. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئارقىدا ئامېرىكا بولسىمۇ، تۈركىيە ئۈچۈن ھېچنىمە بولمايدۇ ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىلىنىدۇ. ئامېرىكا تۈركىيەدە دېموكراتىك تەرتىپنى قورال بىلەن مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنى قوغدىماسلىقى كېرەك. دەرھال ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. بىز ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تېررورلۇققا قارشى مەيدانىنى ئېنىق قىلىشى ۋە تېررورىستلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس، مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكىنى پىرىنسىپلار بەلگىلەيدۇ.»    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر