ئافرىندا يەنە بىر نەچچە يېزا ئازاد قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ئافرىندا يەنە بىر نەچچە يېزىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.

926880
ئافرىندا  يەنە بىر نەچچە يېزا ئازاد قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىندا يەنە 4 يېزا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاندى، شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىنغان يېزا سانى 7گە يەتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – ك ج ك –پ ي د –ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بىر تەرەپ  قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە بۇ يىل 20 –يانۋاردا قوزغالغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىننىڭ كورتا، باباك بەلۋېغى ۋە قاشا قاتارلىق جايلىرى تېررورچىلاردىن تامامەن تازىلاندى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە 4 يېزىنىڭ تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە  ئارمىيەسى ئافرىننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەران رايونىغا قاراشلىق كەفر رۇم ۋە كۇرت قۇلاق بىلەن ئافرىننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جىندەرەس رايونىغا تەۋە زەللاقا ۋە ئافرىن ناھىيە مەركىزىدىكى قىفەر زەيت يېزىلىرىنى تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغالغان كۈندىن باشلاپ ي پ گ-پ ك ك ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى 5ى ناھىيە بازىرى، 135ى يېزا، 31 مۇھىم نۇقتا بولۇپ جەمئىي 171رايوننى قايتۇرۇپ ئالدى.

ي پ گ – پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەلىرى بىلەن ئىسكىلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىننىڭ ناھىيە مەركىزىدە بولۇپ، بۇ تەشكىلات رايون خەلقىنى ئۇرۇشتا قالقان قىلىش غەرىزىدە كۆپ قىسىم يەرلىك ئاھالىنى ناھىيە مەركىزىگە مەجبۇرىي يۆتكەش بىلەن بىرگە، ناھىيە مەركىزىنى تاشلاپ ئەسەد ھاكىمىيىتى ياكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا كەتمەكچى بولغان ئەرەب ۋە كۈرت ئاھالىلىرىگىمۇ توسالغۇ بولماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر