تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنغان نۇرغۇن چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى

تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ۋىلايىتىنىڭ ئايۋاجىق ناھىيەسى ساھىللىرىدا كېمە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كېتىشكە ئۇرۇنغان 32 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى.

926749
تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنغان نۇرغۇن چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۈسەللىم بوغۇزىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى «قادىرغا تۇمشۇقى» نىڭ 2 مىل يىراقلىقىدا كېمە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كېتىشكە ئۇرۇنغان، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستانلىق، ئىرانلىق، سېنېگانلىق ۋە سۇدانلىق 32 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

كۈچۈكقۇيۇدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىغا ئېلىپ بېرىلغان كۆچمەنلەر كىيىم - كېچەك ۋە يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلگەن، رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئايۋاجىق چەت ئەللىكلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر