قاچان ئېھتىياج چۈشسە شۇ چاغدا ھەربىي ھەرىكەت باشلايمىز

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۇۋا تۇتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى باشلاش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

926316
قاچان ئېھتىياج چۈشسە شۇ چاغدا ھەربىي ھەرىكەت باشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئېھتىياج پەيدا بولغان ھەر قانداق چاغدا شىمالىي ئىراق رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى 2016-يىلى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى، ئارقىدىن ئافرىندا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. قاچان ئېھتىياج چۈشسە شۇ چاغدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇۋاتىمىز، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر