چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بىلەن ئىراق پ ك ك غا قارشى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

925508
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بىلەن ئىراق پ ك ك غا قارشى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان چاۋۇشئوغلۇ، باغدادنىڭ ئىراقتا 12 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن كېيىن تاشلايدىغان قەدەملىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى ماي ئېيىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئىراقتىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۈملىدىن پ ك ك غا قارشى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز. ئافرىن ھەرىكىتى ئاخىرلاشمىغان تەقدىردىمۇ ھەم سۈرىيەدە ھەم ئىراقتا بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا كۈچىمىز يېتىدۇ.»

ئۇ يەنە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك نىڭ ئاتالمىش تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى سالىھ مۇسلىمنىڭ شىۋېتسىيەدە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدىن ئۇنى ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر