تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقتا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاقۇرۇق/كانى راش رايونىدىن ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
920786
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت نىشانلار بىتچىت قىلىنغان، 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان ھەمدە تېررورچىلارنىڭ كۆپ ستۋوللۇق كاتيۇشالىرى يوقىتىلغان.