ئافرىندا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 2059 غا يەتتى.

918133
ئافرىندا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن پ ك ك – ي پ گ ۋە دائېش  ئەزاسى تېررورچىلارغا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە 38 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 2059 غا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر