تۈركىيەدە يەرلىك ئاپتوموبىل كېلەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم كېلەر يىلى يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ تۇنجى ئۆرنىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

918114
تۈركىيەدە يەرلىك ئاپتوموبىل كېلەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ تۇنجى ئۆرنىكىنىڭ 2019-يىلى، 2021-يىلى بولسا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى بىنالى يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك بۇرسا ۋىلايەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى لېكىن تۈركىيەنىڭ گۈللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېكسپورت ۋە ئىش پۇرسىتى جەھەتتىن كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئەكسىچە 2023-يىلدىكى نىشانلىرىغا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان يىلدىرىم، سانائەت ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ماشىنلىرىنىڭ چاقلىرىنىڭ توختىماي چۆگلەپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىزچىل ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىزنى، رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ ئىجادچانلىق روھىمىزنى كۈچەيتىمىز، ئىلغار تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك ۋە مىللىي مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىمىز» دېگەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇلتۇر 28 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ چوقۇم ئىشلەپچىقىرىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، بۇ نىشاننىڭ يېقىندا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر