تۈركىيە تېررورچىلار كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن چېخىيەگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى يوللىدى

تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، تېررورچىلار كاتتىبېشى سالىھ مۇسلىمنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ چېخىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

918237
تۈركىيە تېررورچىلار كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن چېخىيەگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قانىتى پ ي د نىڭ سابىق تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى سالىھ مۇسلىمنىڭ بۈگۈن چېخىيەدە سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكىر بوزداغ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەلىپىمىز، تېررورلۇق تەشكىلاتى باشلىقى، كاتتىبېشى بولغان، نۆۋەتتە تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سالىھ مۇسلىمنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، (چېخىيەدىن) تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدۇر» دېدى.

بەكىر بوزداغ، تېررورچى سالىھ مۇسلىمنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە دائىر ماتېرىيالنىڭ چېخىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ھۆججىتىنىڭ شەرقىي غۇتەگە ئوخشاش بەزى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئافرىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «(ھۆججەت) زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ۋە ئافرىن رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر