ئەردوغان بىلەن ھەسەن رۇھانى سۈرىيە ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

913833
ئەردوغان بىلەن ھەسەن رۇھانى سۈرىيە ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر ئافرىن ۋە ئىدلىب بولۇپ سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەردوغان بىلەن رۇھانى تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىغا مەلۇمات بەرگەن، ئىككى رەھبەر يەنە سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئاستانا ۋە سوچى سۆھبەتلىرىنىڭ ئەھيىتىنى تەكىتلەشكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفوندا تۈنۈگۈن ئىراندا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر