ئەردوغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى.

911576
ئەردوغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇدا 3 سائەتتىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ قاتناشقان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى سەزگۈرلۈكى ۋە ئامېرىكىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى رېكس تىللېرسونغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىغان تىللېرسوننىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك غا بېرىۋاتقان ياردىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورتاق كۈنتەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

تىللېرسون بۇلتۇر 30 – مارتتا پايتەخت ئەنقەرەدە، 10 – ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر