ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

910178
ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەردوغان سەلمانغا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن.

ئافرىن رايونىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلىنغان ئەرەب، كورد ۋە تۈركمەنلەرنىڭمۇ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئەردوغان بىلەن سەلمان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ دائىرىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەم ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكەن.

سەلمان جەنۋە باسقۇچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ  سۈرىيە كۈرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا  كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان، ئەردوغان بولسا، ئاستانا باسقۇچى ۋە سوچى يىغىنىنى جەنۋە باسقۇچىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ھەر ئىككى رەھبەر تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئۇچرىشىشتا، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ دېكابىردا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پادىشاھ سەلمان ئىلگىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغىنىدەك، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر