ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

906823
ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەر تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن تۇنجى قېتىملىقى سوچىدا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان، ھەمدە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرىشى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش يولىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىككى رەھبەر، رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن سوچىدا چاقىرىلغان «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى» دا تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر