ئەردوغان «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ پايتەختى» پىروگراممىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ 2018 - يىللىق پايتەختى قۇددۇس» پىروگراممىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.

906181
ئەردوغان «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ پايتەختى» پىروگراممىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام كونفېرانسى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ياشلار مۇنبىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا ئىسلام كونفېرانس دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ياشلار مۇنبىرى بىلەن پەلەستىن ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرگەن «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ 2018 - يىللىق پايتەختى قۇددۇس» پىروگراممىسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ساھىبخانىلىقىدا پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئابباس ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئوسمان ئاشقىن باق ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 10 مىنىستىر ۋە 30 دۆلەتتىن ھەيئەتلەر ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا  قىلغان سۆزىدە، بۇنداق مۇھىم بىر لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرغان «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ 2018 - يىللىق پايتەختى قۇددۇس» پىروگراممىسىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەگە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

پىروگرامما دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەرنىڭ پەلەستىن ياشلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئابباس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قۇددۇس داۋاسى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى بىرلەشتۈرگەن ناھايىتى مۇھىم بىر داۋادۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسجىدى ئەقسا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبىدۇر. ئەرەب قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە تەشكىلاتغا قاراشلىق ئورگانلارنى بىزنىڭ  <ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ 2018 - يىللىق پايتەختى قۇددۇس> پىروگراممىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان پائالىيەتلىرىمىزنى قوللاشقا ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇراسىمدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان  «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ 2018 - يىللىق پايتەختى قۇددۇس» پىروگراممىسى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلانغان.

خەلقئارا ئىسلام كونفېرانس دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ياشلار مۇنبىرىنىىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ پايتەختى» پىروگراممىسىنىڭ تۇنجى پايتەختى 2016 – يىلى قىلىپ تاللانغان، 2017 – يىلى مالايشىيانىڭ پۇتراجايا، ماراكەشنىڭ فەس ۋە ئىراننىڭ شىراز شەھەرلىرى «ئىسلام دۇنياسى ياشلىرىنىڭ پايتەختى» پىروگراممىسىنىڭ پايتەختى قىلىپ تاللانغان ئىدى، بۇ يىل قۇددۇس تاللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر