ئەردوغان: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د مايمۇنغا ئوخشايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نىڭ ھەممە كولدىرلىتالايدىغان مايمۇنغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

905556
ئەردوغان: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د مايمۇنغا ئوخشايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  4 – 5 – فېۋرال ئىتالىيەگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ پ ي د / ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار دەۋالار ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «پ ي د / ي پ گ خۇددى ھەممە كولدىرلىتالايدىغان مايمۇنغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، بۇ تېررورچىلارنىڭ قەيەردە نېمىلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. جۈملىدىن ئۇلارنى ھەممە كولدىرلىتالايدۇ. دەرۋەقە، ي  پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. رۇسىيە بىلەن ئىران بۇ مايمۇنلار بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ دەپ قارايمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنبىچكە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىمۇ بار ئىدى. سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ۋاشىنگتوننىڭ مەنبىچ مەسىلىسىدە تۈركىيەگە يالغان ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ترامپ بىزگە <پ ي د / ي پ گ ئەزالىرى مەنبىچتە قالمايدۇ، قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە كېتىدۇ> دېگەن ئىدى. دەرۋەقە، ترامپ مەنبىچنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىنىڭ ئەرەبلەر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ئىدى، ئەمما بۇ ھەقتە ئېيتىلغان گەپلەر ئەمەلىيلەشمىدى.»

مەنبىچتە يەرلىك خەلقنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «مەنبىچ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ھەقىقىي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئەردوغان ۋاتىكاندا پاپا فرەنسىس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «پاپانىڭ قارىشىچىمۇ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنىشى كېرەك. ئۇمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىش ئارقىلىق خاتا قەدەم تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇنىڭغا: <قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشىمىز لازىم. كاتولىك دۇنياسىغا بۇ ھەقتە سىزنىڭ بېرىدىغان سىگناللىرىڭىز ناھايىتى مۇھىم> دېدىم.»

پاپاغا 1915 – يىلقى ۋەقەلەر توغرۇلۇق تۈركىيەنىڭ سەزگۈز قاراشلىرى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، بۇ مەسىلىنىڭ سىياسەتچىلەرگە قالدۇرۇلۇشى ۋە سىياسەت ئۈچۈن كوزىرغا ئايلاندۇرۇۋېلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر