دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

905101
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان يىغىندا، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە مىللىي بىخەتەرلىك جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىنغا، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى ۋە ئالاقىدار بىيۇروكراتلار قاتناشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر