ئامېرىكا پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ ئافرىنغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د نىڭ تۈركىيەنىڭ چېگرا بويىدىكى جايلىرىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

901846
ئامېرىكا پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ ئافرىنغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى دانا ۋايت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى لېيتىنانت گېنېرال كېننېت ماككېنزىې ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ماككېنزىې، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەگە راكېتامىيوت ئېتىشىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «پ ك ك نىڭ تۈركىيەگە قارشى بارلىق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرى» نى ئېيتتى.

باياناتچى، ئاساسىي گەۋدىسىنى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ تەشكىل قىلىدىغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (س د گ) گە ئەۋەتىلگەن قوراللارنى بولسا، دائېشقا قارشى كۈرەش پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقاندا يىغىۋالىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

پېنتاگون باش باياناتچىسى دانا ۋايت بولسا، «تۈركىيە بىر ناتو دۆلىتى ۋە يوللۇق ئەندىشىلىرى بار. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېلان قىلغان. تۈركىيەنىڭ چېگراسىدا ئاكتىپ بىر ئىسيان بار. تۈركىيە بىلەن ھەر دائىم ھەممە نەرسىنى ئوخشاش كۆرمەيمىز، بىراق بىرلىكتە يول ئېلىۋاتىمىز. چېگراسىدىكى ئىسيان مەسىلىسىدىمۇ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدۇق ۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر