تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورسىتلىرىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پ ك ك غا ئائىت 8 نىشاننى بىتچىت قىلىۋەتتى.
899598
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ زاپ / ئاۋاشىن / ھاقۇرق رايونلىرىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورسىتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى قاراۋۇلخانىلار ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققادىن كېيىن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارغا ئائىت پاناھ جايلار، قورغانلار، قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتكەن، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.