زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن تېرروچى سانى 597 گە يەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 597 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

899172
زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن تېرروچى سانى 597 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كېچە بويىچە ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى سايىسىدا پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئوق – دورا ئىسكىلاتى ۋە ئىستىھكام قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان 44 نۇقتا ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان 25 ئايروپىلان ساق – سالامەت ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 4 خادىمىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە رايوندىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن كېچە پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەنسۇپ 40 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېرروچى سانى 597 گە يەتتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر