چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋ سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
898646
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەگە ئالاقىدار مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە قۇرۇلتاينىڭ چىققۇسى نەتىجىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
ئىككى مىنىستىر يەنە سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتى.
سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيى 29-، 30 – يانۋار كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.