ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «زەيتۇن شېخى» ھەرىكىتىنى «قىسقا ۋە چەكلىك بولسۇن» دېگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلدى.

897791
ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى تېررورىستلاردىن تازىلاش ئۈچۈن باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغاندا، «ھەرىكەت قىسقا ۋە چەكلىك بولسۇن» دېگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان «كېڭەيتىلگەن ۋىلايەتلىك شۆبە رەئىسلىرى يىغىنى» دا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئافرىن ھەرىكىتى ھەققىدە گەپ قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ئامېرىكا بايرىقىنى لەپىلدىتىپ خالىغىنىنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ترامپ بىزنى ئۇنچىۋالا تەنقىد قىماڭلار، دەيدۇ. بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىك، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىگە بۇنى قانداق راۋا كۆرىدۇ؟»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ دونالد ترامپنىڭ «ھەربىي ھەرىكەت قىسقا بولسۇن» دېگەن سۆزى ھەققىدە: «ئەمدى تېخى يەتتە كۈن بولدى. ئافغانىستان ئىشغالى قانچىلىك داۋاملاشتى؟ تەخمىنەن 20 يىل، ئىراق ئىشغالى تەخمىنەن 18 يىل. ھازىرغىچە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسلەر. تۈركىيەگە كەلگەندە نېمىشقا بۇنداق ئالدىراقسانلىق قىلىسلەر؟» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورىستلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبۇرگنىڭ قوللىغانلىقىغا ئايرىم تەشەككۈر ئېيتتى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىستىلاھ قىلىشنىڭ مىساللىرىنى ئالدى بىلەن، ئۆتمۈشتىكى لىۋىيەگە، رىۋانداغا ۋە مالىغا بېرىپ ئىزدەڭلار، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىمىدى. سىلەرنىڭ شەھەرلىرىڭلارغا بېقىنىڭلاردىكى يەرلەردىن راكېتامىيوت ئېتىلسا، بومبا ياغدۇرۇلسا، ئوق ئېتىلسا، سىلەر نېمە قىلاتتىڭلار؟» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، شەرەپلىك كۈرەشنىڭ ئەسكەرلىرىدۇر، ئۇلارنى تەقدىرلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر