تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى باسقۇچى: «زەيتۇن شېخى»

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىدىكى يېڭى باسقۇچ: «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى.

896914
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى باسقۇچى: «زەيتۇن شېخى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تېررورىزمغا قارشى  ئىزچىل كۈرەش قىلماقتا. بۇ دائىرىدە تۈركىيە ئافرىنغا ئورۇنلىشىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورسىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بىزمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، بۇ ھەرىكەتنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان چېگرا رايونىغا يېقىن بىر جايدا شەكىللەنگەن تېررورلۇق تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى پىلانلاۋاتاتتى. بۇ دائىرىدە تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان بۇ ھەرىكەت تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ جاكارلىشى بىلەن تەڭ 20 – يانۋار كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 17 دە باشلاندى ھەمدە ھەرىكەتكە «زەيتۇن شېخى» دەپ نام بېرىلگەنلىكى پۈتكۈل جاھانغا ئېلان قىلىندى.

«زەيتۇن شېخى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى ھەربىي جەھەتتىن ئانالىز قىلغىنىمىزدا، تۈركىيە ۋە ساھەدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق كەم  - كوتىسى يوقلۇقىنى كۆرىمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە رايونغا قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. بۇنىڭغا ئىلاۋە ھالدا ئافرىننىڭ شەرقىدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، جەنۇبىدا تۈركىيە قىسىملىرى بار. جۈملىدىن بۇ يەردىكى ھەربىي ھەرىكەت ئەلبابتىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پىلانى ئاۋۋال قورشاش، ئاندىن تېررورسىتلارنى تازىلاش ئىكەن.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن ھەلەب ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيەنىڭ مەركىزى بولۇپ، تۈركىيە بىلەن چېگرىداشتۇر.

ئافرىن تۈركمەنلەر، كوردلار ۋە ئەرەبلەر بىرلىكتە ياشايدىغان بىر رايون ئىدى. بىراق پ ك ك / ي پ گ نىڭ رايوندا نوپۇزىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن تۈركمەنلەر بىلەن ئەرەبلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى. پ ك ك / ي پ گ رايوندا نوپۇزىنى كۈچەيتىشتىن بۇرۇن ئافرىندا تۈركمەنلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلىرى بار ئىدى.

ئافرىن ۋە ئەتراپىدىكى تۈركمەن يېزىلىرى / ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: چېگرادىكى مەيدانى ئەكبەزدىن ئېتىبارەن جەنۇبقا قاراپ: دەلى ئوسمان، بىندىرەك، ۋەلىدلى، دەلى ئوغلان، گۈۋەندە، تەپەكۆي، قورۇكۆي، پۇللۇ، سوقاللى، ئاتامانلى، ئەلىۋاران، فىرفىرىق، مەيدانلىئوبا، ئالەمدار، چاقماق، كۈچۈكسوقالى ئۆكسۈزلۈ، داغ ئوباسى، شەيلەر ئوباسى، دىك ئوباسى ۋە ماغارا كۆيلىرى. ئىنجەسۇ دەرياسىنىڭ شەرقىدە، گازىئتانتەپ چېگراسىدىن جەنۇبقا قاراپ: بۇلبۇل، بالىكۆي، بەگ ئوباسى، مەھمۇد ئوبا، قەلئەكۆي، زىيارەتكۆي، سەرەنجى، ئوتتۇرا ئوبا، تۆۋەنكى ئوبا، سالقايا، ئەلى بەگ، قارىشىق، قوناق، خىزىرلى، چولاقلى، ساغىر ئوبا، قۇرۇق كۆل، قاش ئۇزادى، بەبە ئۇشادى، قۇرت ئۇساتى، ئالقانلى دۇراقلى، ئالىجى، قىزىلباش، كىچىك قارگىن (دەرۋىش يېزىسى)، بەلەن، ناز ئۇشاغى، مەيدانلىق، چورباجىئوغلۇ ۋە ئەنبەرلى يېزىلىرى.

چەرچىم دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى / تۈركىيە چېگراسىغىچە بولغان قىسىم: دەرۋىش ئوبا، كىچىك ئاتامانلى، قازى يېزىسى، مامالى ئۇشاغى، ئۆمەر ئۇشاغى، سارى ئۇشاق، قانتارلى، بىرىنجىلىك، قانتارا، مابەدى، چۆمەزلى، ئەلى جۇرا، ھاجى قاسىملى، ئارسلاننىڭ يېزىسى، ساتى ئۇشاغى، قىشلا يېزىسى، سەلچىق، چاقاللى، شەيخ چاقاللى ۋە ئىنقەلئە يېزىلىرى.

چەرچىم دەرياسىدىن داۋاملاشتۇرغىنىمىزدا، تۆۋەنكى قىشلا، دار جەنۇب، سۇباشى، چولاقلار، قاراباش، بۈيۈك چاقاللى، ھاجى ھەسەنلى، تۆۋەنكى چوبانلى، تاتارخانلى، قارانكۆي، كوجامان، شەيخ ئابددۇرراھمان غازى، كۈمۈش بۇرچ، ياھا گوز، ھەجدەر، ئاجەلى، ھاجى ئىسكەندەر يېزىلىرى.

جەبەلى سەمانىڭ شەرقىي ۋە ئافرىن ۋادىسىدىكى تۈركمەن يېزىلىرى (شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ نۆۋەت بىلەن): قۇرت قۇلىقى، قارا قۇرت قۇلىقى، قاراتەپە، كەرسەن تاش (ناھىيە مەركىزى)، مەسئۇد، بۇرچ غازىلار، چېدىركۆي، ئىسكانكۆي، جەلەمە، قەدىمكى جەلەمە، كۆل بايىلى، ئۈستۈن دىۋان، موللا خەلىل، ئاتماكۆي، ئەزىز ۋە ئافرىن ۋادىسى ئارىسىدىكى تۈركمەن يېزىلىرى: ئىككى دام، دام، قۇزۇنجى پىنار، ئارپا ۋەرەن، دىكمەتاش، قوزجۇپىنار، ئۇمرانلى، بۈيۈك قارگىن، ئەلى بەيلى، چىمەنلى، دىرەكلى، تۆۋەنكى دام، قاستال، زىيارەت، قاتما، مەتىنلى ۋە ئەلى يېزىسى.

ئەزىزنىڭ شەرقىدە بولسا؛ سۇجۇ، كەفەر، پارچا، كەفەرسۇچ، ئىغدە، ھاۋار، ھاجەر، ناسمىيە، تەلبەتتال، قىساجىق، تەلشاھىن، چەكە، دۇدان، قۇرۇ مەزرا، باغدىلى، قاراكۆۋرۈك، مىرگىل، شاماندىرا، ساۋران، تۇغلۇ، قىزىلمەزرا، باراق، كەفەر، قانى، تەل ھۈسەيىن، يەلبابال، ئەل بەگلى، ياھنىل ۋە دەپتەردار يېزىلىرى.

ئافرىننى قولاي قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نىشان دەپ چۈشىنىپ قالماسلىق لازىم. چۈنكى پ ك ك / ي پ گ ئۇزۇندىن بۇيان پۇختا تەييارلىق قىلماقتا. بۇ مەقسەتتە كۆپ ساندىكى تېررورسىتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. رايوندا كۆپ ساندا تۇنېل قازغانلىقى ۋە قوراللانغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پ  ك ك / ي پ گ ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىلاننىڭ بىر پارچىسى بولغان دائېشتىن نۇرغۇن تاكتىكىلارنى ئۆگەندى ۋە بۇنى ساھەدە ئىجرا قىلماقتا. جۈملىدىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى پۇقرالارنى جانلىق قالقان قىلىشتەك دائېش مېتودلىرىدىن پايدىلانماقتا.

بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاخىرىدا مەغلۇب قىلىش كۈچىگە ئىگە. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، بۇ ھەربىي ھەرىكەت ھەرگىزمۇ كوردلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئەمەس. دەرۋەقە، بۇ رايوندىكى كوردلارغىمۇ بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە. يەنە مۇنۇ نۇقتىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان تۈركمەن قىسىملىرىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىنىڭ بەزىسى كوردلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلارمۇ پ ك ك غا قارشى پۈتۈن كۈچى بىلەن  كۈرەش قىلماقتا.

بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا پەنجىرىسىدىن نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھازىرقى باسقۇچتا ئافرىننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ھەتتا ئامېرىكا بۇ ھەرىكەتتىن خۇشال بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئافرىن مەسىلىسى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. ئىككىنچىدىن، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا پ ك ك بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇزاق مەزگىللىك ھەربىي – سىياسىي پىلان – لايىھەسى تۈزمەكتە. بۇ پىلان – لايىھەگە قارشى بولغان تۈركىيەنىڭ باشقا بىر مەسىلە بىلەن ھەپىلىشىشى ئامېرىكىنى خۇشال قىلىشى مۇمكىن.

تۈركىيە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىكىگە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىغا ئاساسەن بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بارماقتا. شۇڭا، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇنىي ھەرىكەتتۇر.

بۇ ھەرىكەت ھەرگىزمۇ ئافرىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، داۋامى كېلىدۇ. ئەسلىدە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتمۇ  تۈركىيەگە نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. چۈنكى سۈرىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يىرىكلىشىپ كەتتى. بۇ نۇقتىدا تەڭپۇڭ كۈچ سۈپىتىدە تۈركىيە ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. تۈركىيە بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى مۇمكىن.

دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتلىرىدىن قاراپ تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ ئافرىندىن كېيىن مۇنبىچقا، ئاندىن تەلئەبيادقا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولمايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر