چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋنىڭ، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق مۇساپىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىقنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدىكى باياناتىدا، «تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، 24 – يانۋاردا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە – تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق مۇساپىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا قوشۇمچە قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلىتىيىنىڭ 29-، 30 – يانۋار كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.