چاۋۇشئوغلۇ باغدادقا قاراپ يولغا چىقتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جەئفەرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باغدادقا يۈرۈپ كەتتى.

893309
چاۋۇشئوغلۇ باغدادقا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررور ئۇۋىلىرىنى يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بۇ زىيارەت جەريانىدا، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقا باغداد بىلەن 2017 – يىلى 25 – سېنتەبىردە قانۇنسىز رەۋىشتە مۇستەقىللىق بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سۈركىلىشمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقلىق مەنسەپدېشى ئىبراھىم جەئفەرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى ۋە ئىراق پارلامېنتى باشلىقى سەلىم ئەلجۇبۇرى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ئۇچرىشىشلاردا، رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىراق – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن، ئەربىل بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولى ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتىكى رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، تۈركمەن سىياسەتچىلەرمۇ بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر