تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورسىتنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – راسيان رايونىدا ۋە تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىنىڭ رەفاھىيە ناھىيەسىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، قوراللىق 11 تېررورسىتنى ئۇجۇقتۇردى.

877577
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورسىتنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلغان.

بۇ دائىرىدە ھاۋا ئارمىيەسى چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ چېگرا لىنىيەلىرىدىكى قاراۋۇلخانىلار ۋە ئۈستۈنكى رايونلارغا سوقۇنۇپ كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورسىتلارغا قارشى ئېلىپ بارغان  ھاۋا ھۇجۇملىرى جەريانىدا شىمالىي ئىراقتىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا 6، تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىنىڭ رەفاھىيە ناھىيەسىدە  5 بولۇپ، جەمئىي 11 تېررورسىتنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورسىتلار ئىشلەتكەن غارلار، پاناھ جايلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بازىلىرىغا قايتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر