تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى گۇرۇپپا قاتارغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى گۇرۇپپا، قاتار پايتەختى دوھانىڭ جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەل ئۇدەيد ھەربىي بازىسىغا يېتىپ باردى.

876514
تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى گۇرۇپپا قاتارغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى گۇرۇپپىنىڭ ئەل ئۇدەيد ھەربىي بازىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بازىدىكى تارىك بىن زىياد بىرىگادىسىغا قوشۇلۇپ، قاتار ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مانېۋىرلارغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يېڭى گۇرۇپپىنىڭ، قاتار بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرەسىدە قاتارغا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قاتاردا ئورۇنلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاتار ئارىسىدا ھەربىي تەلىم-تەربىيە، مۇداپىئە سانائىتى ۋە قاتار تەۋەلىكىدە تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى توغرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى»، 2015-يىلى 15-ئىيۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

«قاتار زېمىنىدا تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىنى ئىجرا قىلىش كېلىشىمى» بولسا، 2016-يىلى 28-ئاپرېل ئىمزالانغان ۋە 2017-يىلى 7-ئىيۇن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنىپ، تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قاتاردا ئورۇنلىشىشى توغرىسىدىكى ئىچكى قانۇن باسقۇچى ئاخىرلاشقان ئىدى.

تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن تۇنجى گۇرۇپپا 2017-يىل 19-ئىيۇن قاتارغا يېتىپ بېرىپ، تارىك بىن زىياد بىرىگادىسىدا بىرىنچى قېتىملىق مانېۋىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر