تۈركىيە چېگرا سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئورۇنلىرىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

876598
تۈركىيە چېگرا سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، مەتىنا، گارا ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا چېگرا بويىدىكى ساقچى پونكىتلىرى ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 17 نەپەر قوراللىق تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئورۇنلىرىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى سايىسىدا ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا، گارا ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا چېگرا بويىدىكى ساقچى پونكىتلىرى ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئارمىيەسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 17 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغاندىن كېيىن بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر