تۈركىيە: قۇددۇسقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئامېرىكىغا بېرىلگەن ئېغىر زەربە

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قۇددۇسقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىلگەن ئېغىر زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

873833
تۈركىيە: قۇددۇسقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئامېرىكىغا بېرىلگەن ئېغىر زەربە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى تەنقىد قىلىنغان قارار لايىھەسىنى ئومۇمىي كېڭەشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 128 دۆلەتنىڭ قوللاپ  ئاۋاز بېرىشىنىڭ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىمەنە قارارىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىنىڭ 18 – دېكابىر كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتوسىمۇ ھەم ئىناۋەتسىز بولغان ھەم ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولدى. تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەمەننىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنغان قارار لايىھەسى 128 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىندى. خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ غەيرىي ئەخلاقىي بېسىملىرى ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي  قۇددۇس مەسىلىسىدە ب د ت قارارلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا رئي قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا سىغمايدىغان قارارىنى  رەت قىلىش ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولدى. بۇنداق ھالقىلىق بىر  پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە قۇددۇس مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا پوزىتسىيە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان بارلىق ئەزالىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ مۇھىم قارارنى داۋاملىق كۆزىتىشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر