تۈركىيە، ئامېرىكىنىڭ «قۇددۇس قارار لايىھەسى» نى رەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان «قۇددۇس لايىھەسى» نى رەت قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

871337
تۈركىيە، ئامېرىكىنىڭ «قۇددۇس قارار لايىھەسى» نى رەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا مىسىر تەرىپىدىن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان «ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش» قارارىنىڭ ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىگە زىت ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ «قانۇنىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز» ھېسابلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان لايىھەنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن رەت قىلىشىنىڭ، بۇ دۆلەتنىڭ بىتەرەپلىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان قۇددۇسقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنىڭ 14 ئىجابىي ئاۋازغا قارشى بىر رەت ئاۋازى بىلەن رەت قىلىنىشىنىڭ ئەپسۇسلىنىش پەيدا قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارا قانۇن ۋە يوللۇق بولۇش نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا تەييارلانغان، پۈتكۈل دۆلەتلەر ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار ھۆججەتلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىلغان مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، بۇ دۆلەتنىڭ بىتەرەپلىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېلەت تاشلاشتا يالغۇز قالغان بولۇشى، قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارىنىڭ قانۇنسىزلىقىنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈستىدىكى تەسىرى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرادىسىگە زىت ھالدا پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈلۈشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى قاتارلىق بارلىق خەلقئارا مۇنبەرلەردە پەلەستىننىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى ۋە بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىشنى تەلەپ قىلغان قارار لايىھەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋېتو قىلىشى نەتىجىسىدە 14 كە قارشى 1 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ دائىرىلىرىدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، «ئەمدى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇساپىسى باشلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى بەكىر بوزداغمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس مەسىلىسىدە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە يالغۇز قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، قارار لايىھەسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق خاتالىقىدا چىڭ تۇرغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بالدۇرراق قارارىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر