جانىكلى: نۇرغۇن دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ

كۆپلىگەن دۆلەتلەر تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ...

868970
جانىكلى: نۇرغۇن دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يېقىندىن بۇيانقى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دا داۋاملىشىۋاتقان خامچوت مۇزاكىرىلىرى جەريانىدا سۆز قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خەلقئارا زىيارەتلىرىمىزدىكى ئۇچرىشىشلاردا (دۆلەت ئىسمىنى دېمەيمەن)، مەسىلەن، 1 سائەتلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزسەك، 45 مىنۇتى بايقار ياساپ چىققان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى –سىھانى سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئۆتۈۋاتىدۇ. نۇرغۇن مىساللارنى ئۇچراتتىم، ھەممىسىنى باشتىن كەچۈردۈم. ئەلۋەتتە ئىپتىخارلىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان مىنىستىر جانىكلى، S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ جىددىي ئېھىتياج تۈپەيلى سېتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، يەرلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ياساپ چىقىش نىيەت كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مىللىي يوسۇندا ياساپ چىقىشىمىز ئۈچۈن يورۇسام (Eurosam) شىركىتى بىلەن نىيەت بايانى كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، ئېھتىمال، يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيە ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر