تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە بۈگۈن نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

866289
تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە بۈگۈن نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مېتىنا رايونىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ چېگرادىكى ساقچى پونكىتى بىلەن ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقان 12 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە جايلارغا ئىزچىل ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مېتىنا رايونىدا چېگرادىكى ساقچى پونكىتى بىلەن ھەربىي بازىغا ھۇجۇم تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقان تېررورچىلار پاش بولغان. بۇ ئەھۋالغا قارىتا جىددىي ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغاندىن سىرت، تېررورچىلارغا تەۋە قونالغۇلار ۋەيران قىلىنغان.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىغا بۈگۈن ئەتىگەندە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 17 تېررروچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، شۇنداق قىلىپ بىر كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 29 غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر